政策资讯协会

توردىكى 10 قىلتاقتىن پەخەس بولۇڭ

来源:rohlancn    发布时间:2017-07-08 09:01:13

1. پۇل تۆلەپ كۇلۇبقا ئەزا بولۇش، يەنى ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ پۇل تېپىش ئۇسۇلى.

2. پاي چېكى سودىسى قىلىدىغانلار ئارىسىدا ساختىلىق قىلىدىغانلار توردا ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، پاي چېكىنىڭ باھاسىغا زور تەسىر يەتكۈزىدۇ.

3. تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقى ۋە مەھسۇلاتلارنى ئالسا پايدا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

4. چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش. ئەگەر بەزىلەر سىزگە ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىپ، سىزنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ئېيتسا، ھەرگىز ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭ، چۈنكى بۇمۇ پىلان بىلەن قۇرۇلغان قىلتاق.

5. ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىش ياكى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق پۇل تېپىشقا قىزىقتۇرۇش توردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلى.

6. سىز ئۇچۇر يوللىسىڭىز، ئۇلار پايدا ئالىدۇ، ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسدا سىزگە بەلگىلىك ۋاقىتتا تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇرىڭىزنى كۆپەيتىپ باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە سىزگە ئازراق بولسىمۇ پۇل ئەۋەتىپ بېرىدۇ، يەنى سىزگە ماتېماتىكلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، قانچىلىك ۋاقىتتا قانچىلىك پۇلغا ئىگە بولىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ، بۇ ئىنتايىن زور ئالدامچىلىق.

7. ئۇلاش قىلتىقى. سىزگە قانداقتۇر بىر خىل يۇمتالنى چۈشۈرسىڭىز، «كېڭەيتىش ھەققى»گە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىدۇ، ئەمما بۇ خىل يۇمتالنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تەرتىپىنى ئورۇنلىغان چېغىڭىزدا، چەت ئەلگە تېلېفۇن بېرىش ھەققىگە قەرزدار بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى تۇيمايلا قالىسىز.

8. ئېلان تورىنى چېكىش. توردىكى ئېلان بېتىنى چەككەندە، ئېلان ۋاكالەتچىسى سودىگىرى سىزگە ئۆز ئېلانىڭىزنىڭ كومپيۇتېردا كۆرۈلگەن ۋاقتى ياكى چەككەن قېتىم سانىڭىزغا ئاساسەن ھېسابلاپ، بەلگىلىك خىراجەت تەقسىم قىلىدۇ، بىراق پۇل سىزگە يېتىپ كەلگۈچە ئالدامچىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.

9. تورغا چىقىپ نومۇر يىغىش ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى. بۇ يەردىكى پۇل ئەمەلىي تاۋار، ئەمما سىز ئۇنى نەق پۇل تۆلەپ ئالىسىز، شۇڭا بۇنىمۇ ئىنتېرنېت تورىدىكى ئالدامچىلىق ۋاستىلىرى قاتارىغا قوشقىلى بولىدۇ.

10. نىمكەش ماللار بازىرىدا قېلىپلاشقان باشقۇرۇش ئۇسۇلى يوق. ھامان بۇلغانغان نەرسىلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ.




相关新闻

2017-08-01

协会简介

  政策资讯协会是由民间人士依据相关法律自发组织成立的一个公益性组织,协会提供各个地区的相关政策及政府动态。

组织机构

待定

协会宗旨

  协会致力于向各地民众提供当地政府出台的相关政策,使得民众更加关心国家政策。